سۈن يىچېن بىر قېتىملىق كاماندىروپكا سەپىرىدە، ئۆزى بىلەن بىللە چىققان ئايال كاتىپى تاسادىپىي زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قازا قىلىپ، سۈن يىچېن بۇنىڭ ئۇۋالىغا قېلىپ، ناھەق تۈرمىگە كىرىپ قالىدۇ. تۈرمىدە سۈن يىچېن تۈرمە زومىگىرى سىتۇ بىلەن تىركىشىپ قالىدۇ، يەنە ياۋۇز تۈرمە باشلىقىنىڭ زومىگەرلىكىگىمۇ يەتكۈچە بار ئىدى، پەقەت تۈرمە ساقچىسى خۇ خەيلا ئۇنىڭغا زورمۇزور غەمخورلۇق قىلاتتى. تۈرمىدە بىر كۈن بىر يىلدەك ئۆتەتتى، بۇ چاغدا بىر مەيدان ئەجەللىك يۇقۇملۇق كېسەل ئاستا-ئاستا يامىراپ، تۈرمىگىمۇ يېتىپ كېلىدۇ. سۈن يىچېن تەسۋىرلىگۈسىز «تەبىئىي ئاپەت ۋە سۈنئىي ئاپەت» ئالدىدا ئۆز بىلىمىدىن پايدىلىنىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، ناھەقچىلىكنى ئاقلاشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ قانداق قىلىپ يولۋاس ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىگە ئازراق ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلالايدۇ