پاك دوڭۋون ئايالى ۋە بالىسى بىلەن بىرگە غىزالىنىۋېتىپ تاسادىپىي ھالدا ئۇلار ئولتۇرغان بىنانىڭ قىيسىيىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ قوشنىلىرىغا بۇ غەلىتە ئەھۋالنى ئېيتىدۇ، بىراق بۇ نادان كىشىلەر پاك دوڭۋوننىڭ گېپىگە ئېرەنشىمەي ئىشىنى قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ. بىر كۈنى ھەممەيلەن غېمىدا يوق ئويناپ يۈرگەندە ئۇلار ئولتۇرغان بىنا تېگى ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ، پۈتۈن بىنا 500 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئازگالغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاپەتتە ھايات قالغان پاك دوڭۋون ئازگال تېگىگە ئوغلىنى قۇتقۇزغىلى چۈشىدۇ، بىراق كۈتۈلمىگەندە ئازگال تېگىدىن سۇ چىقىپ كېتىپ پاك دوڭۋون ۋە باشقا ھايات قالغۇچىلارنىڭ ھاياتى يەنە بىر قېتىم خىرىسقا ئۇچرايدۇ. باش قەھرىمانىمىز پاك دوڭۋون ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ چىقالامدۇ؟ ئازگالدا قاپسىلىپ قالغانلارنى يەنە قانداق خەتەر كۈتۈپ تۇرىدۇ؟