بۇ تىياتىردا مەكتەپتىكى بوزەك قىلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى قوغداش، مەكتەپ زوراۋانلىقىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئوقۇغۇچى ۋە جەمئىيەتتىكى قارا كۈچلەر بىر-بىرلەپ ئەدىپىنى يەيدۇ، باش پېرسوناژلارمۇ بۇ نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىدۇ... بۇ تۆمۈر مۇشت مۇئەللىم مەكتەپ زوراۋانلىقىغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇ يولنى تاللايدۇ؟