بۇ تىياتىردا سۇ، تۇپراق، ئوت، شامال قاتارلىق تۆت دۆلەت ئىلگىرى ئىناق ئۆتىدىغان بولۇپ، تۆت خىل ئېلېمېنتنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان سېھىرلىك كۈچ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىقنى ساقلاپ كەلگەن. لېكىن ئوت دۆلىتى شامال دۆلىتىنى يوقاتقاندىن كېيىن ھەممە ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، بۇمۇ ئوت دۆلىتىنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇشتىكى تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ... ئاخىرقى شامال ئوغلى سېھىرلىك كۈچنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە تۇپراق شاھىنى ئىزدەپ بىرلىكتە ئوت شاھىغا قارشى چىقماقچى بولىدۇ. ئاخىرقى شامال ئوغلى سېھىرلىك كۈچنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟ ئۇلار ئوت دۆلىتىنى توسۇپ قالالامدۇ؟