بۇ تىياتىردا نىك بۇركخارد يېقىندىن بۇيان تىل بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەرنىڭ يۈز بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ ھاممىسى مارك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلايدۇ، يەنى بۇركخارد جەمەتىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئىلگىرى بىر ئوۋچىلار گۇرۇھىغا تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىسمى گرىم ئىدى. نىك جەمەتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ «گرىم»غا نىسبەتەن باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. گرىم ئاكا-ئۇكىلار يالغان، لېكىن گرىم چۆچىكى راست، بۇ يېڭى بايقاش نىكنىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ... گرىم زادى قانداق پەيدا بولغان؟ نىك قانداق قورقۇنچلۇق ئىشلارغا ئۇچرايدۇ؟