تونى ئەسلىدە بىر دوختۇر بولۇپ، ئۇ دوختۇرلۇق خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ جېنىنى قامدىماقچى شۇنداقلا ئاغرىپ قالغان ئوغلىنى داۋالاتماقچى بولىدۇ. لېكىن ئۇ بارغانلىكى يەردە غوجايىنىنىڭ چەتكە قېقىشى ۋە قوپاللىقىغا ئۇچرايدۇ. جان بېقىش سەۋەبلىك تونى ئامالسىز بۇ دىشۋارچىلىقلارغا چىداپ تۇرىدۇ، مەلۇم بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز بىر قاتىللىق دېلوسىغا چېتىلىپ قالىدۇ ۋە ياشاش ئۈچۈن قارا گۇرۇھقا قارشى كۈرەش قىلىدۇ. ئۇنداقتا تونى دەپسەندە بولغان غورۇرىنى قايتۇرۇپ كېلەلەمدۇ؟ شۇنداقلا باشقىلارغا ئاياللارنىڭمۇ ئاجىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويالامدۇ؟