ئارزۇ
جۇ يى ( لى خۇيلىشى ) ياش ۋاقتىدا ئارزۇ - ئىستەكلەرگە تولغان ساددا قىز ئىدى،20 نەچچە يېشىدا جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، رېئاللىق تەرىپىدىن قاتتىق ئېزىلىپ، گاڭگىراپ قالدى. ئاخىرىدا ئۇ تىرىكچىلىك ئۈچۈن مۇرەسسە قىلىپ، ھەر كۈنى تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ يۈرىدىغان، بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرىدىغان تاشقى كۆرۈنۈش مۇخبىرىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈ شيۇبىن ( خۇئاڭ يەنيېشى ) پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان خىرىسلارنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ قەتئىيلىك بىلەن بىر قېتىم ئاسىيلىق قىلىپ، ئاتا - ئانىسى ياساپ بەرگەن خاتىرجەم يولدىن قۇتۇلۇپ،30 ياشقا كىرگەن يىلى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ھەممىنى بىر يولىلا دوغا تىكىپ، ئاخىرى كىنو رېژىسسورى بولدى. بۇ ئىككىيلەن كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ھەر قايسىسى كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۆرلەش - پەسىيىشىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئۇچرىشىپ قالغان. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ھەرقايسىسىنىڭ قۇتقۇزۇشى بولۇپلا قالماي، ئۇلارنى ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە چېكىت قويۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئەپسۇسلىنارلىق مۇھەببەتنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.