تەلەپلەرگە ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە قىلىنىپ يوللاندى : بىر مەيدان سوتتا، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر لېيتېنانتىنىڭ راستچىل ئەمما ئەجەللىك گۇۋاھلىق سۆزى سەۋەبىدىن، دىلاۋار (ۋىشۋاجىت پرادخان رول ئالغان) ئىسىملىك بىر كەسپىي جىنايەتچى ئون يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. رەزىل دىلاۋار كۆڭلىگە غۇم ساقلاپ، ئون يىللىق تۈرمە ھاياتىدىن كېيىن، لېيتېنانتنىڭ قىزى ئەمىرەنى (ئەيشۋارىيا راي باچچان رول ئالغان) ئوغرىلاپ قاچىدۇ. دىلاۋار ئەمىرەنى لاكنۇ (Lucknow) شەھىرىدىكى بىر پاھىشەخانىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ، ئۇ يەردە كىچىك ئەمىرە تۈرلۈك سەنئەت ماھارەتلىرىنى ۋە ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. كۆپ ئۆتمەيلا، ئەمىرە ئۆزىنىڭ گۈزەل تاشقى قىياپىتى ۋە نەپىس ئۇسسۇللىرى بىلەن لاكنۇ رايونىدىكى ھەممە ئادەم تەلپۈنىدىغان سەنئەت چولپىنىغا ئايلىنىدۇ. كېيىن، ئەمىرە سۇلتان (ئابىشېك باچچان رول ئالغان) ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن سۇلتان ئېلىپ كەلگەن ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا مەپتۇن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە مۇھەببەت ۋە توي تۇرمۇشىغا بولغان گۈزەل ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى يەنىلا ساقلاپ كېلىدۇ.